150 مىليون كىشى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە نامراتلىشىپ كېتىشى مۇمكىن

دۇنيا بانكىسى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمى سەۋەبىدىن 2021 – يىلغىچە 150 مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە نامراتلىققا دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1505291
150 مىليون كىشى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە نامراتلىشىپ كېتىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بانكىسىنىڭ ھەر  ئىككى يىلدا بىر ئېلان قىلىنىدىغان، «2020 – يىللىق نامراتلىق ۋە پاراۋانلىق ئەھۋالىغا نەزەر» سانىنىڭ، «تەلەي چاقىنىڭ تەتۈر ئايلىنىشى» ناملىق دوكلاتىدا  ئەسكەرتىلىشىچە، يەر شارى خاراكتېرلىك نامراتلىقنىڭ، ئۇدا 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان تۇنجى قېتىم 2020 – يىلى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يېتىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمىنىڭ بۇ يىل 88 مىليوندىن 115  مىليونغىچە بولغان كىشىنى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە نامراتلىققا دۇچار قىلىدىغانلىقىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، ئىقتىسادىي چېكىنىشنىڭ جىددىيلىكىگە قاراپ بۇ رەقەمنىڭ، 2021 – يىلغىچە 150 مىليونغا يۈكسىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە نامراتلىق، «كۈنىگە 1.9 دوللار بىلەن تۇرمۇشنى قامداش» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىكەن. بۇ ئەھۋال، 2020 – يىلى دۇنيا نوپۇسىنىڭ 9.1 دىن 9.4 تىگىچە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمىدىن بۇرۇن، 2020 – يىللىق ئىقتىسادىي چېكىنىش مۆلچىرى % 7.9 ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر