ئامېرىكا: تۈركىيە بىلەن سودا مۇناسىۋەتلىرىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز

ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر روس، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سوممىسىنى 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا «ئاچقۇچلۇق رول» ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1495992
ئامېرىكا: تۈركىيە بىلەن سودا مۇناسىۋەتلىرىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر روس بايانات بېرىپ، «پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى ۋە دۆلەتلىرىمىز سودا ھەجىمىمىزنى 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشانىنى ئورۇنداش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ» دېدى.

ۋىلبۇر روس، ئامېرىكانىڭ تۈركىيەگە قىلغان  سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئېكسپورتىنىڭ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سوممىسىنى 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا «ئاچقۇچلۇق رول» ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، تاشقى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىنىڭ تۈركىيە - ئامېرىكا سودا كېڭىشى بىلەن ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 38 - نۆۋەتلىك تۈركىيە - ئامېرىكا يىغىنىغا سىن كۆرۈنۈشلۈك ھالەتتە ئىشتىراك قىلدى.

ئامېرىكالىق مىنىستىر سۆزىدە، 1700 ئامېرىكا شىركىتىنىڭ تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ 60 ىنىڭ رايونلۇق مەركەزلىرىنىڭ تۈركىيەدە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ 78 مىڭ تۈرك ئىشچىغا خىزمەت پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان روس، ئامېرىكانىڭ تۈركىيەدىن قىلغان ئىمپورت مىقدارىنىڭ بولسا، ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا % 3 ئېشىپ، 10 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە - ئامېرىكا سودا مىقدارى نىشانى توغرىسىدا توختالغان روس، «پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى ۋە دۆلەتلىرىمىز سودا ھەجىمىمىزنى 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشانىنى ئورۇنداش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە، «كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋىتىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر