موسۇل شەھىرىدىن تۈركىيەگە تۇتۇشىدىغان زامانىۋى تۆمۈر يول لىنىيەسى قۇرۇلىشى مۇشۇ ھەپتە باشلىنىدۇ

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى موسۇل شەھىرىدىن تۈركىيە چېگراسىغىچە زامانىۋى تۆمۈر يول لىنىيەسى ياسىلىدىغان بولدى.

1493943
موسۇل شەھىرىدىن تۈركىيەگە تۇتۇشىدىغان زامانىۋى تۆمۈر يول لىنىيەسى قۇرۇلىشى مۇشۇ ھەپتە باشلىنىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: موسۇل ۋالىيسى نەجىم ئەل جۇبۇرى ئىراقنىڭ يېرىم رەسمىي گېزىتى «ئەس-ساباھ» قا بەرگەن قىسقا باياناتىدا، تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ئىنژېنېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يېڭى زامانىۋى تۆمۈر يول لىنىيىسى قۇرۇلىشىنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇبۇرى موسۇل شەھەر مەركىزىدىن تۈركىيەنىڭ قۇرۇغلۇق چېگرا ئېغىزىغا تۇتىشىدىغان تۆمۈر يول لىنىيەسىنىڭ قۇرۇغلۇق چېگرا ئېغىزىدىكى زىچلىقنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، لېكىن كېتىدىغان چىقىم ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.

تۈركىيە بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە خەلقئارا تىرانسپورت ئۈچۈن ئومۇمەن ھابۇر-ئىبراھىم خەلىل چېگرا ئېغىزى ئىشلىتىلمەكتە.

تۈركىيەنىڭ باغداتتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فاتىھ يىلدىز 2-ئايدىكى باياناتىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 2019-يىلىدا 15 مىليارد 800 مىليون دوللار ئەتراپىدا بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر