تۈركىيە ئۇكرائىنا بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبەتلىرىنى قايتىدىن باشلىدى

ئۇكرائىنا ئىقتىساد مىنىستىرى ياردەمچىسى تاراس كاچكا، ئۇكرائىنا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنىڭ قايتىدىن باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1493634
تۈركىيە ئۇكرائىنا بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبەتلىرىنى قايتىدىن باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاراس كاچكا، ئۇكرائىنانىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى  -  ئۇكرىنفورمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا،  7 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان سۆھبەتلەر نەتىجىسىدە كېلىشىم تېكىستلىرىنىڭ كۆپ قىسمىدا چۈشىنىش ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

1 - ئايدا، ئىككى دۆلەتنىڭ بىر - بىرىگە يېڭى تەكلىپلەرنى سۇنۇشى توغرىسىدا كېلىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن كاچكا، ئاۋغۇست ئېيىدا تۈركىيەدىن يېڭى تەكلىپ تاپشۇرۇپ ئالغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، «بىز ھازىر ئۆزىمىزنىڭ تەكلىپىمىز تەييارلاۋاتىمىز، شۇنداق قىلىپ سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولدۇق» دېدى.

كاچكا، يېڭى كېلىشىم مەزمۇنىنىڭ ئىلگىرى ماقۇللانغان تۈرلەرنى ئويلاشقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، كېلەر قېتىملىق ئۇچرىشىشلارنىڭ ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ پىلانلانغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر