تۈركىيە تۆمۈر يول ساھەسىدە ياروپانىڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ياۋروپا تۆمۈر يول سىستېمىسى گۇرۇھى «ERCI» تەرىپىدىن ھەر يىلى ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان «يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى» نىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى.

1491099
تۈركىيە تۆمۈر يول ساھەسىدە ياروپانىڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۆمۈر يول سىستېمىسى ساھەسىدە ئۆزگىچە ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئىجاد قىلغان «ASELSAN»  ۋە «ENEKOM» دىن ئىبارەت ئىككى تۈركىيە شىركىتى، ياۋروپا تۆمۈر يول سىستېمىسى گۇرۇھى «ERCI» تەرىپىدىن يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

ياۋروپا تۆمۈر يول سىستېمىسى گۇرۇھى «ERCI» تەرىپىدىن ھەر يىلى ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان «يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى» نىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى.

چوڭ تىپتىكى شىركەتلەر تۈرى بويىچە تۈكىيەنىڭ «ASELSAN» شىركىتى «MIDAS / R تۆمۈر يول تالالىق سېنزور ئەقلىي ئىقتىدارلىق نازارەت قىلىش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى بىلەن، «ENEKOM» شىركىتى بولسا، «تۆمۈر يوللىرى ۋە تۆمۈر يول بۆلىكىنى بايقاش سىستېمىسى بىلەن باھالىغۇچىلار ئالاھىدە مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.

بۇ مۇكاپات 23 - سىنتەبىر «Innotrans سودا كۈنى» پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمدا تارقىتىلىپ بېرىلىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر