ئۆز - ئۆزىنى تازىلادىغان دۇنيادىكى ئەڭ نادىر دېڭىز قولتۇقى ساھىلى ئەدىرنەدە

ئۆز - ئۆزىنى تازىلادىغان دۇنيادىكى ئەڭ نادىر دېڭىز قولتۇقلىرىنىڭ بىرسى بولغان ساروستا، ساياھەت ھەرىكەتچانلىقى داۋاملاشماقتا.

1490157
ئۆز - ئۆزىنى تازىلادىغان دۇنيادىكى ئەڭ نادىر دېڭىز قولتۇقى ساھىلى ئەدىرنەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەدىرنەنىڭ كاشان ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى ساروس قولتۇقىغا دەم ئالغۇچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي كەلمەكتە.

كاشان ناھىيەلىك ھۆكۈمەت باشلىقى مۇستاپا ھېلۋاچىئوغلۇ 70 كىلومىتىرلىق ساروس قولتۇقى دېڭىز ساھىلىدا تەتىل پەسلىنىڭ ئۇزارغانلىقىنى ئېيتتى.

ھېلۋاچىئوغلۇ سىنتەبىر ئېيى بولۇشىغا قارىماي، دەم ئالغۇچىلارنىڭ رايونغا قىزىقىشى داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «دېڭىز قولتۇقى ساھىللىرىمىز يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش لاگېرىغا ئايلاندى، دېيەلەيمىز. ساپ ھاۋاسى ۋە تەبىئى مەنزىرىسى بىلەن كىشىلەرنى جەلپ قىلماقتا. يۇقۇم مەزگىلىدە تەبىئىي رايونلارغا بولغان تەلەپ ئاشماقتا. تەلەپ ئاشقان جايلارنىڭ بىرسى بىزنىڭ ساروس قولتۇقىدىكى دېڭىز ساھىلىمىز بولدى» دېدى.

ھېلۋاچىئوغلۇ سۇ ئاستى ۋە يەر ئۈستى تەنتەربىيەلىرىنىڭمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دېڭىز قولتۇقىنىڭ يازلىق ۋە قىشلىق ساياھەتنىڭ جەلپ قىلىش مەركىزى سۈپىتىدە مۇلازىمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر