ياۋروپا ئىقتىسادى ئىككىنچى چارەكتە %11.4 چېكىندى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىقتىسادى ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە ئالدىنقى چارەككە سېلىشتۇرغاند ا% 11.4 تۆۋەنلىدى.

1487042
ياۋروپا ئىقتىسادى ئىككىنچى چارەكتە %11.4 چېكىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋرو رايونىنىڭ 2020 - يىلىنىڭ ئىككىنچى چارەكلىك ئىقتىسادىي ئېشىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسەن ، 19 ئەزالىق ياۋرو رايونىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) 2020 - يىلىنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە ئالدىنقى چارەككە سېلىشتۇرغاندا % 11.8 تۆۋەنلىگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىدا بولسا،  ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە ئالدىنقى چارەككە سېلىشتۇرغاندا % 11.4 تۆۋەنلىگەن.

دۆلەتلەر نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئىككىنچى چارەكتە بىرىنچى چارەككە سېلىشتۇرغاندا ئىسپانىيەدە % 18.5 ، كىرودىيەدە % 14.9 ، ۋېنگىرىيەدە % 14.5 ، گرېتسىيەدە % 14 ، پورتۇگالىيەدە % 13.9 ، فرانسىيىدە % 13 بولغان. ، ئىتالىيەدە % 8 ، % 12.8 ، بېلگىيەدە % 12.1 ، ئاۋىستىرىيەدە % 10.4 ، گېرمانىيەدە % 9.7 تۆۋەنلىگەن.

بۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋرو رايونىدا مەزكۇر ئىقتىسادىي ئېشىش سانلىق مەلۇماتلىرى ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان 1995 – يىلىنىڭ مابەينىدىكى ئەڭ كەسكىن تۆۋەنلەش ھېسابلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر