رۇمىنىيە تۈركىيەدە تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ بايقىلىشىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

رۇمىنىيە ئىقتىساد، ئېنېرگىيە، سودا ۋە مۇھىت ئاسراش ئىشلىرى مىنىستىرى ۋىرگىل پوپېسكۇ تۈركىيەنىڭ قارادېڭىز رايونىدا تەبىئىي گاز زاپىسى بايقىلىشىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

1486986
رۇمىنىيە تۈركىيەدە تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ بايقىلىشىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پوپېسكۇ، ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلغان « FOREN 2020 » كونفېرانسىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىدا مۇنداق دېدى: «تۈرك دوستلىرىمىزنىڭ قارادېڭىزدا تەبىئىي گاز زاپىسى بايقىشىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز. بۇلغارىيەمۇ شۇنداق. بۇنىڭدىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىمىز. راستىنى ئېيتقاندا، قارادېڭىز يېڭى تەبىئىي گاز مەنبەلىرى سۇندى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئېنېرگىيە دۇنياسىنىڭ دىققىتى بۇ رايونغا مەركەزلىشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر