ئالبايراق: مىللىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىمىزنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزىمىز

خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراق تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى كېلەر يىلى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1481223
ئالبايراق: مىللىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىمىزنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالبايراق، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، ئاۋغۇست ئېيى پۇل مۇئامىلە  ساھەسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىيات كومىتېتى يىغىنىدا، مىللىي ئىقتىسادىي پىروگراممىلار ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئەھۋالى ھەققىدە كېڭەش ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خۇدايىم بۇيرۇسا، بۇ پىروگراممىلىرىمىزنى 2020 – يىلى ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرۇپ، كېلەر يىلى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر