ئاۋغۇست ئېيىدا ئىقتىسادىي ئىشەنچ ئىندېكسى ئۆرلىدى
ئىقتىسادىي ئىشەنچ ئىندېكسى 2020-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا %4.4 ئېشىپ 85.9 غا ئۆرلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئاۋغۇست ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادىي ئىشەنچ ئىندېكسىنى ئېلان قىلدى.
ئىقتىسادىي ئىشەنچ ئىندېكسىدىكى ئېشىش، ياساش سانائىتى، مۇلازىمەت ۋە پارچە سېتىش سودا ساھەسىنىڭ ئىشەنچ ئىندېكسلىرىدىكى ئېشىش سەۋەبىدىن بولدى.
ياساش سانائىتى ئىشەنچ ئىندېكسى ئايلىق بويىچە %5.8 ئېشىپ 105.2، مۇلازىمەت كەسپىي ئىشەنچ ئىندېكسى %5.7 ئېشىپ 70.5، پارچە سېتىش ئىشەنچ ئىندېكسى %0.2 ئېشىپ 94.9 بولدى.
خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراك ئىقتىسادىي ئىشەنچ ئىندېكسىدىكى ئېشىش ھەققىدە توختىلىپ: «تۈگەشتۇق، تۈگىدۇق لوبىسى يەنە قايغۇغا چۆمىدىغان بولدى. ئىقتىسادىي ئىشەنچ ئىندېكسى ئىيۇل ئېيىدا 82.2 بولغان بولسا، ئاۋغۇست ئېيىدا %4.4 ئېشىپ 85.9 بولدى. توختاش يوق، يولغا داۋام» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە ئىقتىسادى % 2.1 تەرەققىي قىلدى
تۈركىيە ئىقتىسادى ئۇدا 17 پەسىلدىن بۇيان داۋاملىق تەرەققىي قىلماقتا.