ئالبايراق: تۈركىيەنىڭ يېڭى يۆنىلىشى نە شەرقكە، نە غەربكە ئەمەس، تۈركىيەنىڭ ئۆزىگە

خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، «تۈركىيە ئېنېرگىيەگە تايىنىش جەھەتتە يېڭى بىر دەۋرنىڭ مۇساپىسىنى باشلاتتى، مەيلى پىسخىكا جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن بولسۇن، توساقلارنى ئۆرۈپ تاشلىدى» دېدى.

1479302
ئالبايراق: تۈركىيەنىڭ يېڭى يۆنىلىشى نە شەرقكە، نە غەربكە ئەمەس، تۈركىيەنىڭ ئۆزىگە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراق قارا دېڭىزدا 320 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز بايقالغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ، «بۇ بىرىنچى قۇدۇقنىڭ دەسلەپكى  باسقۇچىدا ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلار. بۇ قۇدۇقنىڭ قالغان قىسمىدا يەنە ئىككى ھەسسە ئارتۇق گاز بار. بۇ خىزمەتلەر تاماملانغاندا، تۈركىيەنىڭ قىزىل رەقەم كۆرسىتىدىغان ئەمەس، ئېشىنچا كۆرسىتىدىغان، تاشقى پىرۇۋۇت ئېشىنچىسى كۆرسىتىدىغان دەۋرىنى سۆزلىشىشكە باشلايمىز» دېدى.

ئالبايراق بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىدا مۇخبىرلارنىڭ كۈن تەرتىپكە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئالبايراق قارا دېڭىزدىكى تۇنا -1 قۇدۇقىدا بايقالغان 320 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ۋە سىياسىي تارىخى نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «تۈركىيە بىر ئۆزگىرىشنى ۋە بىر يۆنىلىش ئۆزگىرىشىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. نە شەرقكە، نە غەربكە ئەمەس، بۇ يېڭى يۆنىلىش تۈركىيەنىڭ ئۆزىگە. بۇ بايقاش پۈتكۈل تۈركىيەدە ھاياجانلىق كەيپىيات پەيدا قىلدى» دېدى.

ئالبايراق بايقاشنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاپ بېرىپ يەنە مۇنداق دېدى:

«320 مىليارد كۇب مېتىر، بىرىنچى قۇدۇقنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇمات. بۇ قۇدۇقنىڭ قالغان قىسمىدا يەنە ئىككى ھەسسە ئارتۇق گاز بار. بۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ قىزىل رەقەم كۆرسىتىدىغان ئەمەس، ئېشىنچا رەقەم كۆرسىتىدىغان، تاشقى پىرۇۋۇت ئېشىنچىسى كۆرسىتىدىغان دەۋرىنى سۆزلىشىشكە باشلايمىز»

ئالبايراق بۇ بايقاشنىڭ مەنىۋى ئۆلچىمىنىڭمۇ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ ۋەتەنداشلاردا زور خۇشاللىق ۋە كەلگۈسىگە قارىتا ئۈمىد تۇيغۇسى ياراتقانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر