ئالبايراق: كۈچىمىزنىڭ ئۇزۇق مەنبەسى مىليونلىغان مېھنەتكەشلىرىمىزدۇر

خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراق ئۇزۇق مەنبەلىرىنىڭ مىليونلارچە مېھنەتكەشلەر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1478782
ئالبايراق: كۈچىمىزنىڭ ئۇزۇق مەنبەسى مىليونلىغان مېھنەتكەشلىرىمىزدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالبايراق، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، ئىقتىسادىي ساھەنىڭ ئاۋغۇست ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ۋە ئىقتىسادىي مەنبەلەردىن پايدىلىنىش نىسبىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئۇزۇق مەنبەلىرىمىز، تۈركىيەنىڭ قۇدرەت تېپىشى يولىدا كېچە – كۈندۈز خىزمەت قىلىۋاتقان، ئىشلەپچىقىرىۋاتقان ۋە قوللاۋاتقان مىليونلارچە مېھنەتكەشلەردۇر. شۇڭا، بىزنى ئاجىزلىتىشقا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ. ئاۋغۇست ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك  ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى % 106.2، خىزمەت ساھەسى ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى % 70.5، پارچە سېتىش سودا ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى % 94.9، ئىقتىسادىي مەنبەلەردىن بەھرىمەن بولۇش كۆرسەتكۈچى بولسا % 73 كە يەتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر