ئامېرىكا ئىراننىڭ تۆت نېفىت پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى

ئامېرىكا ئىران نېفىتىنى توشۇغان پاراخوتلارنى، ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارغا خىلاپلىق قىلغانلىقنى سەۋەب كۆرسىتىپ مۇسادىرە قىلدى.

1472941
ئامېرىكا ئىراننىڭ تۆت نېفىت پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئىراننىڭ تۆت نېفىت پاراخوتىنى ئېمبارگولارغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ مۇسادىرە قىلدى.

ۋول سترېت ژۇرنال گېزىتىنىڭ ئامېرىكالىق بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل كۆرسىتىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا مۇپەتتىش خادىملىرى ئۆتكەن ئاي (2020-يىلى ئىيۇل) دا ئىراننىڭ ۋېنېزۇئېلاغا نېفىت يۆتكىگەن تۆت نېفىت پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلىش ئۈچۈن ئەرز سۇنغان.

يېقىنقى كۈنلەردە، لۇنا، پاندى، بېرىڭ ۋە بېللا ناملىق تۆت نېفىت پاراخوتىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىپ، تېكساس ئىشتاتىنىڭ خوستون پورتىغا ئەكىلىشكە ھەرىكەت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پاراخوتلارنى مۇسادىرە قىلىش ئۈچۈن ھەربىي كۈچ ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن مەسئۇللار، پاراخوتلارنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولار رامكىسىدا مۇسادىرە قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا بۇ ۋەقە بىلەن، تۇنجى قېتىم ئىران نېفىتىنى توشۇغان پاراخوتلارنى مۇسادىرە قىلغان بولدى.

ئامېرىكانىڭ ئىرانغا يادرو پىروگراممىسى سەۋەبىدىن يولغا قويغان ئېمبارگولار رامكىسىدا، ئىراننىڭ نېفىت كىرىمىنى ئۈزۈپ تاشلاش مەقسەت قىلىنماقتا.

ئىران يادرو پىروگراممىسىنى «تىنچلىق مەقسىتى» دە تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر