ئالتۇننىڭ ئۇنس باھاسى 2000 دوللاردىن ئاشتى

ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) نىڭ ئىككىنچى دولقۇنىغا ئالاقىدار ئەندىشىلەر ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان سوغۇقچىلىق سەۋەبىدىن ئالتۇن باھاسى ئۆرلەپ ئارقا – ئارقىدىن رېكورت ياراتماقتا.

1467482
ئالتۇننىڭ ئۇنس باھاسى 2000 دوللاردىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن %2.14 ئۆرلىگەن ئالتۇننىڭ ئۇنس باھاسى بۈگۈنمۇ ئۆسۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ 2037 دوللارغا يېتىپ تارىخىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقتى.

ئانالىزچىلار، ئامېرىكادا مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان ياردەم پىلانلىرى ۋە كوۋىد – 19 يۇقۇمىغا ئالاقىدار خەۋەرلەرنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىلىرى ئىكەنلىكىنى، سانلىق مەلۇماتلار نۇقتىسىدا بولسا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا ئېلان قىلىنىدىغان مۇلازىمەت ساھەسى سېتىۋېلىش كۈچى كۆرسەتكۈچى بىلەن ئامېرىكانىڭ خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى ساھەلەرنىڭ ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتىنىڭ ئالتۇن باھاسىنىڭ يۆنىلىنىشى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىللار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئانالىزچىلار، تېخنىكىلىق جەھەتتىن ئالتۇننىڭ ئۇنس باھاسىنىڭ 2035 دوللارنى تايانچ نۇقتىسى قىلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.


خەتكۈچ: #ئالتۇن

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر