ئانتاليا ھەشەمەتلىك سەيلە كېمىسى ئىشلەپچىقىرىشتا ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە

ھەشەمەتلىك سەيلە كېمىسى ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيا ماركىسىغا ئايلانغان ئانتاليا ئەركىن سودا رايونىدا 2000 – يىلدىن بۇيان سېتىش قىممىتى 1.2 مىليارد دوللارغا يەتكەن 460 سەيلە كېمىسى ئىشلەپچىقىرىلدى.

1466034
ئانتاليا ھەشەمەتلىك سەيلە كېمىسى ئىشلەپچىقىرىشتا ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانتاليا ئەركىن سودا رايونى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى زەكى گۈرسەس، رايوندا 56 سى يەرلىك سەرمايىلىك بولۇپ، جەمئىي 83 شىركەتنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇلاردىن 45 ىنىڭ سەيلە كېمىسى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايوندا 2000 – يىللاردا باشلانغان سەيلە كېمىسى ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنىڭ، بۈگۈنكى كۈندە ئانتاليا رايونىنى «داڭلىق ماركا» غا ئايلاندۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «2019 – يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە 442 دانە سەيلە كېمىسى ئىشلەپچىقىرىلغانىدى، بۇ يىل ئىيۇن ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە يەنە 18 دانە ئىشلەپچىقىرىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئىشلەپچىقىرىلغان سەيلە كېمىسىنىڭ سانى 460 قا يەتتى. سەيلە كېمىلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ مۇھىم بولۇپ، 460 سەيلە كېمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 640 مېتىرغىچە يېتىدۇ؛ بۇ جىددىي بىر رەقەم بولۇپ، بۇ كېمىلەرنىڭ ئومۇمىي سېتىش قىممىتى 1.2 مىليارد دوللارغا يەتتى.»

ئۇ، بۇ يىلنىڭ ئاخرلىرىغىچە 35 سەيلە كېمىسىنىڭ ساھىبىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىشىنىڭ نىشان قىلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ يىل «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارىماي سەيلە كېمىسى زاكاز قىلىش ئىشلىرىدا ئېشىش كۆرۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «رايوندىكى شىركەتلەر، ئىتالىيەدىن ئەنگلىيەگىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن رۇسىيە، گوللاندىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگىچە نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردىن زاكاز قوبۇل قىلدى. دۇنيا بويىچە سەيلە كېمىسى ئىشلەپچىقىرىشتا ئىتالىيە بىلەن گوللاندىيە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، تۈركىيە بولسا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. رايونىمىزدىن سەيلە كېمىسى ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيادا سۆز ساھىبى بولغان  ئىتالىيە بىلەن گوللاندىيەگىمۇ سەيلە كېمىسى سېتىۋاتىمىز. بۇ ئادەتتىن تاشقىرى ئىپتىخارلىنىش مەنبەسىدۇر.»

ئۇ يەنە، قاتار ۋە ئۇمماننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرقانچە دۆلەتكىمۇ ساھىل بىخەتەرلىك قوغدىغۇچى كېمىسى ئېكسپورت قىلىنغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر