ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىككىنچى چارەكتە كەينىگە چېكىندى

ياۋروپا ئىتتىپاقى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئىقتىسادىي جەھەتتىن بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 11.9 كەينىگە چېكىندى.

1465315
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىككىنچى چارەكتە كەينىگە چېكىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىستاتىسكىكا ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋرو رايونىنىڭ 2020 – يىلىنىڭ ئىككىنچى چارىكىگە ئالاقىدار ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا دائىر دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 19 ئەزادىن تەشكىل تاپقان ياۋرو رايونىدا، پەسىللىكتىن خالىي قىلىنغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، 2020 – يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدا ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 12.1، 2019 – يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 15 تۆۋەنلىگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىدا بولسا، پەسىللىكتىن خالىي قىلىنغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدا ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 11.9، 2019 – يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا بولسا % 14.4 تۆۋەنلىگەن.

ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، ئىككىنچى چارەكتە ئالدىنقى چارەككە سېلىشتۇرغاندا ئىسپانىيەدە % 18.5، فىرانسىيەدە % 13.8، ئىتالىيەدە % 12.4، گېرمانىيەدە % 10.1، بېلگىيەدە % 12.2، ئاۋسترىيەدە % 10.7، پورتۇگالىيەدە % 14.1 تۆۋەنلىگەن.

شۇنىڭ بىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋرو رايونىدا، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشكە باشلىغان 1995 – يىلدىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىرىنچى چارەكتە ياۋرو رايونى % 3.6، ياۋروپا ئىتتىپاقى بولسا % 3.2  كەينىگە چېكىنگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر