ئامېرىكادا مىليونلارچە كىشى يېتەرلىك يېمەك – ئىچمەككە ئېرىشەلمىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 16 – 21 – ئىيۇل كۈنلىرى 30 مىليونغا يېقىن كىشى يېتەرلىك يېمەك – ئىچمەككە ئېرىشەلمىدى.

1464857
ئامېرىكادا مىليونلارچە كىشى يېتەرلىك يېمەك – ئىچمەككە ئېرىشەلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى نوپۇس ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ 16 – 21 – ئىيۇل كۈنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان راي سىناش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ مەزگىلدە يېتەرلىك يېمەك – ئىچمەككە ئېرىشەلمىگەن كىشىلەرنىڭ سانى مارت ئېيىدىن ئېتىبارەن ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكەن بولۇپ، 23 مىليون 861 مىڭ كىشى بەزىدە يېتەرلىك يېمەك – ئىچمەككە ئېرىشەلمىگەن، 5 مىليون 423 مىڭ كىشى بولسا، دائىم دېگۈدەك يېتەرلىك يېمەك - ئىچمەك ئىستېمال قىلالمىغان.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەمگەك مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تۇنجى قېتىم ئىشسىزلىق مائاشى ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغۇچىلارنىڭ سانى، 25 – ئىيۇل بىلەن ئاخىرلاشقان ھەپتىدە، ئالدىنقى ھەپتىگە سېلىشتۇرغاندا، 12 مىڭ كىشى ئېشىپ، بىر مىليون 434 مىڭغا يەتكەن.

شۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا تۇنجى قېتىم ئىشسىزلىق مائاشى ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغۇچىلارنىڭ سانى، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» كىرىزىسى ئەمگەك كۈچى بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان 14 – مارت بىلەن ئاخىرلاشقان ھەپتىدىن بۇيان 54 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر