ئالبايراق: تۈركىيە مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن جەلىپ قىلىش مەركىزى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، «تۈركىيە مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن جەلىپ قىلىش مەركىزى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.
1463522

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر بەرات ئالبايراق تىۋىتتېر ئادرېسىدا ئۇچۇر ئورتاقلىشىپ، تۈركىيەنىڭ «بىر تەشەببۇسكارنىڭ ئىش – خىزمەت ئورنى ئېچىش جەھەتتە» نۇرغۇن تەرەققىي قىلغان دۆلەتكە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «2017 – يىلى ئىش – خىزمەت ئورنى ئېچىش قولايلىقى كۆرسەتكۈچىدە تۈركىيە 190 دۆلەت ئىچىدە 60 – رەتتە ئىدى، نۆۋەتتە 33 – ئورۇنغا ئىگە بولدى. تۈركىيە مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن جەلىپ قىلىش مەركىزى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.