يۈقۈم مەزگىلىدە دۇنيا تۈركىيەنىڭ قۇرۇق مېۋىلىرىنى ئىستېمال قىلدى

ۋۇخەن ۋىرۇسى كوۋىد -19 يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش باشلانغان 2020 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدام تۈركىيە 606 مىليون 500 مىڭ دوللارلىق قۇرۇق مېۋە ۋە مەھسۇلات ئېكسپورت قىلدى.

1450569
يۈقۈم مەزگىلىدە دۇنيا تۈركىيەنىڭ قۇرۇق مېۋىلىرىنى ئىستېمال قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسى (TIM) سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ساھەنىڭ ئەڭ كۆپ ئېكسپورت قىلغان مەھسۇلاتى 222 مىليون 100 مىڭ دوللارلىق ئۇرۇقسىز قۇرۇق ئۈزۈم بىلەن بولغان.

ئۇنىڭدىن قالسىلا 114 مىليون 900 مىڭ دوللارلىق قۇرۇتۇلغان ئۆرۈك، 90 مىليون 400 مىڭ دوللارلىق قۇرۇتۇلغان ئەنجۈر، 81 مىليون دوللارلىق پىستە ۋە 70 مىليون دوللارلىق بادام ئېكسپورت قىلىنغان.

ئوخشاش مەزگىلدە، 15 مىليون 300 مىڭ دوللارلىق ياڭاق، 8 مىليون 600 مىڭ دوللارلىق ئۆرۈك ۋە زېردالى ئۇرۇقى، 7 مىليون 500 مىڭ دوللارلىق نوقۇت، 6 مىليون 500 مىڭ دوللارلىق قارىغاي ئۇرۇقى، 3 مىليون 500 مىڭ دوللارلىق قۇرۇتۇلغان ئالما ۋە 707 مىليون 600 مىڭ دوللارلىق يېشىل غەينۇلە ئېكسپورت قىلىنغان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، 28 مىليون 100 مىڭ دوللارلىق باشقا قۇرۇق يەل - يېمىشلەر ۋە 7 مىليون 200 مىڭ دوللارلىق قورۇلغان مېۋە ئېكسپورت قىلىنغان.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر