تۈركىيە - ۋېنېزۇئېلا سودا كېلىشىمى ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتتى

تۈركىيە بىلەن ۋېنېزۇئېلا جۇمھۇرىيتى ئوتتۇرىسىدا 2018 – يىلى 17 – مايدا ئىمزالانغان ئۆزئارا سودىنى گۈللەندۈرۈش كېلىشىمىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتتىكى ماقۇللىنىش مۇساپىسى ئاخىرلاشتى.

1448823
تۈركىيە - ۋېنېزۇئېلا سودا كېلىشىمى ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى دۆلەت سودا كېلىشىمىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتتە 21 – ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدىغانلىقىنى مەزمۇن قىلغان دىپلوماتىك ھۆججەتلەر ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ پايتەخت كاراكاستىكى تارىخىي بىناسى – كاسا ئامارىللادىكى مۇراسىم جەريانىدا ئىمزالاندى.

تۈركىيەنىڭ كاراكاستا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شەۋقى مۇتەۋەللىئوغلۇ ئىشتىراك قىلغان مۇراسىمغا ۋېنېزۇئېلا تەرەپتىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جورج ئارېئازا ۋە ياردەمچىلىرى يىۋان گىل بىلەن رامون گوردىلس قاتارلىقلار قاتناشتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ ئالاھىدە كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە ئىمزالانغان كېلىشىم، تۈركىيە بىلەن ۋېنېزۇئېلا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە سېلىنما مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر