تۈرك كېڭىشى سېلىنما فوندى تەسىس قىلىش توغرىسىدا تېلېۋىزىيە يىغىنى چاقىردى

تۈرك كېڭىشى سېلىنما فوندى باش كاتىپ باغداد ئامرېيېۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تېلېۋىزىيە يىغىنى چاقىردى.

1447356
تۈرك كېڭىشى سېلىنما فوندى تەسىس قىلىش توغرىسىدا تېلېۋىزىيە يىغىنى چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركىيە ۋە ئۆزبېكسىتان رەسمىي ئەزا، ۋىنگېرىيە كۆزەتكۈچى ئەزا بولغان تۈرك كېڭىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم تۈرلىرىنىڭ بىرى بولغان سېلىنما فوندىنى تەسىس قىلىش تەييارلىق يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد ۋە مالىيە مىنىستىرلىقلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرلىرى قاتناشتى.

باش كاتىپ باغداد ئامرېيېۋ يىغىندا سۆز قىلىپ، سېلىنما فوندىنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا، تۈرك كېڭىشى دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىرىلىشىغا شۇنداقلا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەجىملىرىنىڭ ئاشۇرۇلۇشىغا مۇھىم ھەسسە قوشىدىغان قەدەملەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

سېلىنما فوندىنىڭ يۇقۇمدىن كېيىنكى مەزگىلدە تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئامرېيېۋ، تۈرك كېڭىشىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقتىسادىي نىشانلىرىنىڭ ئورۇندىلىشىغا بۇ فوندىنىڭ مۇھىم كۈچ بېغىشلايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

سېلىنما فوندىنى روياپقا چىقىرىش يولىدا بېسىلىدىغان قەدەملەرنىڭ يول خەرىتىسى  بېكىتىلگەن يىغىندا، تېز ۋە ئۈنۈملۈك قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى قارار قىلىندى.

يىغىندا سېلىنما فوندىنىڭ نىشانى، مەزمۇنى، قۇرۇلمىسى، مالىيە مەنبەلىرى، پايدا يارىتىدىغان ساھەلىرى ۋە باشقا مەسىلىلەر توغرىسىدىمۇ پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى.

تۈرك كېڭىشى سېلىنما فوندى ئەزا ۋە كۆزەتكۈچى دۆلەتلەردىكى كىچىك ۋە ئوتتۇرا ھەجىملىك كارخانىلارنى قوللاشنى نىشان قىلىدۇ. ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە سېلىنما فوندىنىڭ قۇرۇلۇش ھۆججىتىنىڭ ئاخىرقى نۇسخىسى ئېلان قىلىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر