مېركېل: مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىمىز

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن ئىلگىرى قەتئىي كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1445941
مېركېل: مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانگېلا مېركېل پايتەخت بېرلىنغا يېقىن جايدىكى مېرسېبېرگ سارىيىدا فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، «بىر تەرەپتە يۇقۇمنىڭ ئۆزى، يەنە بىر تەرەپتە ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئون يىللاردىن بۇيان ھەتتا بىز ئىلگىرى پەقەت كۆرۈپ باقمىغان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. ھەم گېرمانىيە ۋە فىرانسىيەدە ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقىدا...» دېدى.

گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارنى بىرلىكتە يېڭىش مەقسىتىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئۈچۈن قۇتقۇزۇش فوندى تەسىس قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن مېركېل، «بۇنىڭ بىلەن <ياۋروپا كېلەچىكىمىزدۇر> دېدۇق. ھەممىمىز پەرقلىق دۆلەتلەردىن كېلىمىز، بىراق بىرلىكتە كۈچلۈك بولالايمىز. دىگىتاللىشىش (رەقەملىشىش)، مۇھىت، ئۇرۇش ۋە تىنچلىق دېگەندەك قىيىن مەسىلىلەردە دۇنيادا رول ئوينىيالايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر