چوڭ ھەجىملىك ساياھەت كېمىلىرى بودرۇمغا كېلىپ توختاشقا باشلىدى

جەنۇبىي ئەگە دېڭىزىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ساياھەت مەركىزى مۇغلانىڭ بودرۇم ناھىيەسىنىڭ داڭلىق قىرغاقلىرىغا كېلىپ توختاۋاتقان زور ھەجىملىك ساياھەت كېمىلىرىنىڭ سانى كۆپىيىشكە باشلىدى.

1446046
چوڭ ھەجىملىك ساياھەت كېمىلىرى بودرۇمغا كېلىپ توختاشقا باشلىدى
bodrum mega yatlar.jpg
bodrum mega yatlar1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جېنىفېر لوپېز، ھېيدى كلۇم، جۇلىئا روبېرتسغا ئوخشاش دۇنياغا مەشھۇر چولپانلارنىڭمۇ ساياھەتلىرىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن 75 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چوڭ ھەجىملىك ساياھەت پاراخوتى «Cloudbreak» يالىكاۋاك مەھەللىسى قىرغىقىغا كېلىپ توختىدى.

مەزكۇر چوڭ ھەجىملىك ساياھەت كېمىسى دۇنيانىڭ ئەڭ مۇرەككەپ ۋە ئەڭ يىراق جايلىرىدا ساياھەت قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلىپ گەۋدىسى پولات، ئۈست قىسمى ئاليۇمىندىن لايىھەلەنگەن بولۇپ، كۈلرەڭ گەۋدىسى، كەسكىن قاناتلىرى ۋە ئەسكىرىي شەكلى بىلەن ئادەمنىڭ دىققىتىنى كۈچلۈك جەلىپ قىلىدۇ.

كېمىدە تىك ئۇچار ئايروپىلان، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، جاكۇزى، ھاممام، تەنتەربىيە زالى، سۇ تەنھەرىكەتلىرى، كىنوخانا دېگەندەك نۇرغۇن ئىمكانىيەتلەر بار.

سايمان بايراقلىق 55 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى «ئىلېرىئا» ناملىق ساياھەت كېمىسىمۇ مەزكۇر جايغا كېلىپ توختىدى.

ئىچىدە كىملەرنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر ئىگىلەش مۇمكىن بولمىغان پاراخوتلار كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشىنى قوزغىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر