«ئەنگلىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۆھبەتلىرىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى»

ئەنگلىيە سودا ئىشلىرى ۋەزىرى لىز تراس، دۆلىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان سودا كېلىشىمى مۇزاكىرىلىرىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

1443778
«ئەنگلىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۆھبەتلىرىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھازىرمۇ 19 مىليارد پۇند ستېرلىنلىق كۈچلۈك سودا مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا كېلىشىمى مۇزاكىرىلىرىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنغانلىقىنى كۆرۈش ھەقىقەتەنمۇ خۇشاللىنارلىق ئىشتۇر. لوندوننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىدىن كېيىن، ئەنگلىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا سودا كېلىشىمى تۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز.»

ئەنگلىيە، 2016 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇم ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى قارارلاشتۇرغان ۋە 3 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان مۇزاكىرىلەردىن كېيىن، 31 – يانۋار كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن رەسمىي ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر