خوڭكوڭغا يابان مەرسىنى ئېكسپورت قىلىندى

ئانتاليادىن خوڭكوڭغا «يابان مەرسىنى» (ياۋا مەرسىن ئۈزۈمى) ئېكسپورت قىلىش باشلاندى.

1441715
خوڭكوڭغا يابان مەرسىنى ئېكسپورت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانتاليا ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى ۋە ئورمانچىلىق مۇدىرى ۋەكىلى گۆكخان كاراجا يېزا ئىگىلىك شەھىرى بولغان ئانتاليادىن مەھسۇلات تۈرىنى كۆپەيتىش خىزمەتلىرىنى قىىلۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ چەت ئەللەردە «كۆكمۇچ» (blueberry) دەپ بىلىنىدىغان يابان مەرسىنى ئىشلەپچىقىرىشتا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ: «كۆكمۇچ دۇنيادا ياخشى يۈزلىنىشكە ئىگە بولۇۋاتقان مېۋە بولۇپ، ئېكسپورت قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى. ئۇنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار. ئۇ تۇپراققا بەك تايانمايدۇ، تەشتەكتىمۇ ئۆستۈرگىلى بولىدىغان مېۋە ھېسابلىنىدۇ. ئانتاليا كىلىمات جەھەتتە بۇ مېۋىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ» دېدى.

ئۇ دۇنيا بازىرىدا كۆكمۇچنىڭ يۇقىرى باھالىق خېرىدارلىرىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىز گېرمانىيە، دۇبەي، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە ۋە قاتاردىن كېيىن، خوڭكوڭغىمۇ كۆكمۇچ ئېكسپورت قىلىشنى باشلىدۇق. بىز بۇلتۇر 67 توننا 700 كىلوگىرام كۆكمۇچ ئېكسپورت قىلدۇق. يېڭى مەبلەغ سېلىشلار ئارقىلىق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ رەقەمدىن ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىمىز» دېدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر