ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ئاۋېئاتسىيە ھەمكارلىقى كېلىشىمى تۈزۈلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ئاۋېئاتسىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېلىشىمى ئىمزالاندى.

1441020
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ئاۋېئاتسىيە ھەمكارلىقى كېلىشىمى تۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ياۋروپا كومىتېتىنىڭ قاتناش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى ئادىنا ۋالېن ياپونىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا پۇقراۋىي ئاۋېئاتسىيە ساھەسىدە كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ۋالېن ياۋروپا ئاۋېئاتسىيە سانائىتىنىڭ (Kovid-19) يۇقۇمى كرىزىسىنىڭ تەسىرىگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۇچرىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، بۇ كېلىشىم ئارقىلىق ياۋروپا ئاۋېئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ياپونىيە بازىرىغا كىرىشىنىڭ ئاسانلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ۋالېن بۇ كېلىشىمنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ياپونىيە ئاۋېئاتسىيە ئورگانلىرى ئوتتۇرىسىدا پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىتنىڭ ماسلىشىشچانلىقى جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئايروپىلان ۋە ئاۋېئاتسىيە مەھسۇلاتلىرى سودىسىغا قۇلايلىق يارىتىشنى مەقسەت قىلغان بۇ كېلىشىم دائىرىسىدە، ئاۋېئاتسىيە مەھسۇلاتلىرىنى سىناق قىلىش ۋە باھالاشقا قولايلىق يارىتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاۋېئاتسىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياپونىيىگە ئېكسپورت تەستىقىنى ئېلىشى ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىتمۇ ئازايتىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر