بىرازىلىيەگە يەرلىك نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئېكسپورت قىلىندى

سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك تۋىتتېردا، بىرازىلىيەگە يەرلىك نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئېكسپورت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

1439251
بىرازىلىيەگە يەرلىك نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئېكسپورت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك بىرازىلىيەگە ئېكسپورت قىلىنغان يەرلىك نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى توغرىسىدا توختىلىپ: «مىڭلارچە كىلومېتىر يىراقلىقتا ‹تۈركىيەدە ياسالغان› دېگەن خەتنى كۆرۈش، كىشىنى غۇرۇرلاندۇرىدۇ» دېدى.

سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى بىرازىلىيەگە ئېكسپورت قىلىنغان يەرلىك نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ رەسىملىرىنى تۋىتتېردا ھەمبەھىرلىدى ۋە ئاستىغا: «تۈركىيەدىن 11 مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر دوختۇرخانادا ‹تۈركىيەدە ياسالغان› دېگەن خەتنى كۆرۈش، سىزنىڭچە كىشىنى ئىپتىخارلاندۇرمامدۇ؟» دەپ يازدى.

مىنىستىر ۋارانك ساۋ پاۋلو (Sao Paulo) دىكى دۆلەت دوختۇرخانىلىرىغا تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان 2 مىڭ 72 نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ تارقىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ساۋ پاۋلو ئىشتاتىنىڭ ۋالىيسى دورىيا (Doria) تۈركىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى بىلەن دوختۇرخانىلارنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈملىرىدىكى كارۋات سانىنى ئىككى ھەسسە كۆپەيتەلەيدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «بۇنىڭ بىلەن، ساۋ پاۋلودا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھەر قانداق بېمار داۋالىنىشتىن مەھرۇم قالمايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر