ئالجىرىيەنىڭ تەبىئىي گاز پاراخوتى تۈركىيەگە كېلىدۇ

ئالجىرىيەنىڭ ئارزېۋ پورتىدىن يولغا چىققان «Berge Arzew» ناملىق سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز (LNG) پاراخوتىنىڭ 22-ئىيۇن تۈركىيەدە بولۇشى كۈتۈلمەكتە.

1437799
ئالجىرىيەنىڭ تەبىئىي گاز پاراخوتى تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارالىق پاراخوتلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 11-ئىيۇن ئالجىرىيەدىن يولغا چىققان، ئومۇمىي سىغىمچانلىقى 138 مىڭ 89 كۇب مېتىر كېلىدىغان تەبىئىي گاز (LNG) پاراخوتى تۇنىس ساھىللىرىدا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان بولۇپ، پاراخوتنىڭ 22-ئىيۇن ئىزمىر ئەلىئاغا LNG تېرمىنالىغا يېقىنلىشىشى پىلانلانماقتا ئىكەن.

باھاما بايرىقى قادالغان پاراخوت 2004-يىلى ياسالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر