تۈركىيە ئەڭ قىممەتلىك ماركىلىرى ئېلان قىلىندى

بۇ يىل 1 مىليارد 616 مىليون دوللارلىق ماركا قىممىتى بىلەن زىرائەت (يېزا – ئىگىلىك) بانكىسى، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىدىن قالسىلا «تۈركىيەنىڭ قىممىتى ئەڭ يۇقىرى ئىككىنچى ماركىسى» بولدى.

1432796
تۈركىيە ئەڭ قىممەتلىك ماركىلىرى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ماركا باھالاش ئورگىنى – براند فنانس، 2020 – يىللىق «تۈركىيەنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ماركىلىرى» تەكشۈرۈشىنى ئاخىرلاشتۇردى.

باھالاش نەتىجىسىگە قارىغاندا، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى «تۈركىيەنىڭ ئەڭ قىممەت باھالىق ماركىسى»،  زىرائەت بانكىسى بولسا، 1 مىليارد 616 مىليون دوللارلىق ماركا قىممىتى بىلەن «تۈركىيەنىڭ قىممىتى ئەڭ يۇقىرى ئىككىنچى ماركىسى» بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر