OPEC 6 – ئىيۇن كۈنى يىغىن چاقىرىدۇ

نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) 6 – ئىيۇن كۈنى يىغىن چاقىرىدۇ

1430092
OPEC 6 – ئىيۇن كۈنى يىغىن چاقىرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ «‹TASS› ئاگېنتلىقى» نىڭ رۇسىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى دائىرىلىرىنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، 23 ئەزادىن تەشكىل تاپقان، «OPEC ۋە OPEC سىرتىدىكى دۆلەتلەر» دەپ بىلىنىدىغان نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە بۇ تەشكىلاتتىن سىرتقى بىر قىسىم نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر 6 – ئىيۇن كۈنى ئارقىمۇئارقا ئىككى يىغىن چاقىرىدىكەن. يىغىنلارنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىسىنى، كۈندىلىك خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى  9.6 مىليون ۋارىلغا تۆۋەنلىتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئىيۇن ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىش مەسىلىسى تەشكىل قىلىدىكەن.

OPEC ۋە OPEC سىرتىدىكى نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر، ئىراق، نىگېرىيە ۋە قازاقىستان كېلىشىم دائىرىسىدە ۋەدە قىلغان نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىش بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، يىغىننىڭ ۋاقتى مەسىلىسىدە  بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىغانىدى.

ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە، رۇسىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كېلىشىمنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش مەسىلىسىدە پۈتۈشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

OPEC ۋە OPEC سىرتىدىكى نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ 12 – ئاپرېل كۈنى چاقىرىلغان يىغىنىدا، ئومۇمىي خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 1 – مايدىن 30 – ئىيۇنغىچە كۈندىگە 9.7 مىليون ۋارىلغا ئازايتىش توغرۇلۇق قارار ماقۇللانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر