فۇئات ئوكتاي: يېڭى نورماللىشىشتا يەرشارى خاراكتېرلىق ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى تۈركىيە بولىدۇ

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي، كوۋىد – 19 يۇقۇمىدىن كېيىن شەكىلىنىدىغان يېڭى نورماللىشىشتا يەرشارى خاراكتېرلىق ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى تۈركىيە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1428787
فۇئات ئوكتاي: يېڭى نورماللىشىشتا يەرشارى خاراكتېرلىق ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى تۈركىيە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي تۈرك سودا سانائەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ «كوۋىد -19 مەزگىلى ۋە كېيىنكى سودا دۇنياسى» تېمىلىق يىغىنغا سىنلىق يىغىن ئۇسۇلى بىلەن قاتنىشىپ بايانات ئېلان قىلدى.

فۇئات ئوكتاي سۆزىدە يەرلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇھىملىقى ئۈستىدە توختىلىپ، « يەرلىك سانائىتىمىزنى ئىمپورت بېسىمىغا قارشى پۈتۈن سىياسەتلىرىمىز بىلەن قوغداشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگىمىز» دېدى.

فۇئات ئوكتاي «يېڭى نورماللىشىشتا يەرشارى خاراكتېرلىق ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى تۈركىيە بولىدۇ» دېگەننى ئالاھىدە تەكەتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر