تۈركىيە 33 دۆلەتكە ئاۋكادۇر ئېكسپورت قىلدى

يېقىنقى 5 يىلدا تۈركىيەدە 14 مىڭ توننا ئاۋكادۇر ئىشلەپچىقىرىلدى ۋە تەخمىنەن 2 مىليون 79 مىڭ دوللارلىق ئېكسپورت ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

1427980
تۈركىيە 33 دۆلەتكە ئاۋكادۇر ئېكسپورت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە، رومېنىيە، ئۇكرائىنا ۋە گېرمانىيە قاتارلىق 33 دۆلەتكە ئاۋكادۇر ئېكسپورت قىلىۋاتقان تۈركىيە، ئېكسپورت مىقدارىنى يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە % 41 ئاشۇرغان. بۇلتۇرقى ئاۋكادۇر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 33 ئېشىپ، 4 مىليون 209 توننىغا يەتكەن.

ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھەممىسى ئاقدېڭىز رايونىدا ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، 2019 – يىلى 1 – يانۋاردىن 26 – مايغىچە رايوندىن 50 مىڭ 107  دوللارلىق ئاۋكادۇر ئېكسپورت قىلىنغان، بۇ يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە بۇ رەقەم % 8.36 ئېشىپ، 54 مىڭ 298 دوللارغا يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر