ئالبايراق: ئىقتىسادىي تەرەققىياتىمىز تېخىمۇ زورىيىدۇ
خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراق تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ زورىيىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالبايراق، «‹TRT Haber› قانىلى» دا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» مەزگىلىدە كېچىكتۈرۈلگەن باج تاپشۇرۇشتىن، سەرمايە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئىشسىزلىقنى چەكلەش، قىسقا مۇددەتلىك خىزمەت تولۇقلىمىسى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى قوللاش ئۈچۈن تاشلانغان قەدەملەرگىچە بىرقاتار مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە دۇنيادىكى كۆپلىگەن ئەللەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن ئىشسىزلىققىچە نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە ئالغا ئىلگىرىلىگەن دۆلەتكە ئايلىنىدۇ. <ۋۇخەن ۋىرۇسى> ئوتتۇرىغا چىقمىغان بولسا، بۇ يىل % 5 لىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانىمىزغا يەتكەن بولاتتۇق. بۇ كىرىزىسكە قارىماي، % 5 لىك، % 8 لىك ۋە % 10 لىك كەينىگە چېكىنىش ئەمەس، ئەكسىچە، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن، بۇ يىلنى خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر بىلەن تاماملاش ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز.»