ياۋروپا بىر تىرىليون ياۋرو قىممىتىدە قۇتقۇزۇش فوندى تەسىس قىلىشنى پىلانلىماقتا

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي ئاقىۋەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىر تىرىليون ياۋرودىن ئارتۇق قۇتقۇزۇش فوندى تەسىس قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى پىلانلىماقتا.

1420213
ياۋروپا بىر تىرىليون ياۋرو قىممىتىدە قۇتقۇزۇش فوندى تەسىس قىلىشنى پىلانلىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ پىشقەدەم مۇئاۋىن باشلىقى ۋالدىس دومبروۋىسكى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مالىيە مىنىستىرلىرىنىڭ تېلېۋىزىيە يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەييارلاۋاتقان قۇتقۇزۇش پىلانىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى 27 – مايدا جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «نىشانىمىز يۈزلەرچە مىليارد ياۋرولۇق ئەمەس، تىرىليون ياۋرودىن ئارتۇق مالىيە سىغىمچانلىقىغا ئىگە بىر قۇتقۇزۇش پىلانىغا ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت» دېدى.

قۇتقۇزۇش پىلانىدا، تۈرلۈك سېلىنمىلار ۋە قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتلارنىڭ ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن دومبروۋىسكى، پىلاننىڭ ئەزا دۆلەتلەرگە ئىئانە قىلىش ۋە قەرز بېرىش تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر