ياۋروپا پارلامېنتى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش پىلانى تۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى

ياۋروپا پارلامېنتى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىقىغا قارشى 2 تىرىليون ياۋرولۇق قۇتقۇزۇش پىلانى تۈزۈلۈشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى.

1418450
ياۋروپا پارلامېنتى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش پىلانى تۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بېلگىيەنىىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېلەچەكتىكى خامچوتى ۋە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىقىغا قارشى قۇتقۇزۇش پىلانى ھەققىدە چىقارغان قارارى 505 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى.

قاراردا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 75 دۆلەتتە ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن 2 تىرىليون ياۋرولۇق قۇتقۇزۇش پىلانىغا ئېھتىياج بارلىقى تەكىتلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،  ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېلەچەكتىكى خامچوتى ۋە قۇتقۇزۇش پىلانى بويىچە ئىش كۆرۈشنىڭ ئورنىغا، ئۆز كۈچىگە تايىنىشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشلىرىنىڭ زۆرۈرلۈكى  قەيت قىلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، قانۇنىي جەھەتتىن ھېچقانداق ئىجرا قىلدۇرۇش كۈچىگە ئىگە  بولمىغان ۋە  تەۋسىيە خاراكتېرلىك بۇنداق قارار، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ماقۇللىشى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىدە بىردەك ئاۋاز بېرىشى بىلەن چىقىرىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر