«ئامېرىكادا ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆي - ماكانسىز قېلىۋاتقانلار سانى كۆپىيىپ كېتىشى مۇمكىن»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىقى سەۋەبىدىن ئۆي – ماكانسىز قېلىۋاتقانلار سانىنىڭ % 45 تىن ئېشىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

1418452
«ئامېرىكادا ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆي - ماكانسىز قېلىۋاتقانلار سانى كۆپىيىپ كېتىشى مۇمكىن»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ كەڭ تارقىلىشى مىليونلىغان كىشىنىڭ ئىشسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە كوچىلاردا ياشايدىغان ئۆي – ماكانسىزلار سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىش خەۋپى بار ئىكەن.

تەتقىقاتتا ، 2019 – يىلى يانۋار ئېيىغا ئالاقىدار رەسمىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، پۈتكۈل ئامېرىكا مىقياسىدا 568 مىڭ كىشى ئۆي-ماكانسىز قالغان  بولۇپ، بۇ سانغا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن بۇ يىل يەنە 250 مىڭ كىشىنىڭ ئىلاۋە قىلىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر