خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى مىسىرغا ۋىرۇس مۇناسىۋىتى بىلەن قەرز بېرىشنى قارار قىلدى

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە مسىىرغا 2 مىليارد 772 مىليون دوللار قەرز بېرىشنى قارار قىلدى.

1415622
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى مىسىرغا ۋىرۇس مۇناسىۋىتى بىلەن قەرز بېرىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بېرىلىدىغان قەرز ئارقىلىق مىسىرنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىددىي قايتۇرۇشلارنىڭ تەڭپۇڭلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئېھتىياجلارنىڭ قامدىلىشىنىڭ نىشان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قەرزنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى ۋە قايتۇرۇش ۋاقتىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلمىگەن باياناتتا، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ مىسىر پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىدا پەيدا قىلغان تۇراقسىزلىقنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن كۈچكە ئىگە قىلىنغان مۇقىملىققا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلدى.

مىسىر مەركىزىي بانكىسى، ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن تاشقى پىرېۋوت زاپىسىنىڭ ئاپرېل ئېيىنىڭ ئاخىرىدا %7.65 تۆۋەنلەپ 37 مىليارد 37 مىليون دوللارغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر