ئەنگلىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى  3 مىڭ كىشىنى ئىشتىن چىقىرىدۇ

ئەنگلىيەنىڭ ۋىرگىن ئاتلانتىك ھاۋا يوللىرى شىركىتى 3 مىڭ كىشىنى ئىشتىن چىقىرىدۇ.

1411958
ئەنگلىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى  3 مىڭ كىشىنى ئىشتىن چىقىرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۈتكۈل دۇنيا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ئىقتىسادىي ساھەدە كەلتۈرۈۋاتقان ۋەيرانچىلىقلىرىغا قارشى كۈرەش قىلماقتا.

ئەنگلىيەنىڭ ۋىرگىن ئاتلانتىك ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىچە، ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندىكى گاتۋېك ئايرودۇرۇمىنىڭ 3 مىڭ خىزمەتچى – خادىمىنى ئىشتىن بوشىتىش توغرۇلۇق قارار چىقىرىلغان.

شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇلى ۋاي ۋېئىس بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «دەسلەپكى ئۇچۇشىمىزنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان 36 يىل ئىچىدە نۇرغۇنلىغان قىيىن ئۆتكەللەرگە دۇچ كەلدۇق، لېكىن ھېچبىرى <ۋۇخەن ۋىرۇسى> دەك ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرمىدى.»

ئالدىنقى ھەپتە British Airways  شىركىتى 12 مىڭ، Ryanair  شىركىتى بولسا 3 مىڭ كىشىنى ئىشتىن چىقىرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر