شەرقىي قارادېڭىز ئېكسپورتى ئاشتى

شەرقىي قارادېڭىزدىكى 4 ۋىلايەتنىڭ ئېكسپورتى 476.6 مىليون دوللارغا يەتتى.

1411326
شەرقىي قارادېڭىز ئېكسپورتى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي قارادېڭىزدىكى ترابزون، رىزە، ئارتۋىن ۋە گۈمۈشھانە قاتارلىق 4 ۋىلايەتنىڭ 2020 – يىلى يانۋاردىن ئاپرېلغىچە بولغان ئارىلىقتا 112 دۆلەتكە قىلغان ئېكسپورتى % 6 ئېشىپ، 476.6 دوللارغا يەتتى.

رايوندىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئېكسپورتتا مۇۋەپپەقىيەت تىزىملىكىدىن، نۆۋەت بىلەن ترامزون، رىزە، ئارتۋىن ۋە گۈمۈشھانە ئورۇن ئالدى.

ئەڭ كۆپ ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەتلەر گېرمانىيە، رۇسىيە، خىتاي ۋە گىرۇزىيە بولدى.

بۇ دۆلەتلەردىن گېرمانىيەگە قىلىنغان ئېكسپورت نىسبىتىدە % 57، خىتايغا قىلىنغان ئېكسپورت نىسبىتىدە % 48، گىرۇزىيەگە قىلىنغان ئېكسپورت نىسبىتىدە % 22 ۋە رۇسىيەگە قىلىنغان ئېكسپورت نىسبىتىدە % 4 ئېشىش كۆرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر