ئامېرىكادا ئىشسىزلىق مائاشى تەلەپ قىلغانلارنىڭ سانى 30 مىليوندىن ئاشتى

ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقى ھەپتىلىك ئىشسىزلىق مائاشى تەلەپ قىلغانلارغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق رەقەملەرنى ئېلان قىلدى.

1408539
ئامېرىكادا ئىشسىزلىق مائاشى تەلەپ قىلغانلارنىڭ سانى 30 مىليوندىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكادا تۇنجى قېتىم ئىشسىزلىق مائاشى تەلەپ قىلغانلارنىڭ سانى 2020-يىلى 25-ئاپرېل بىلەن ئاخىرلاشقان ھەپتىدە، ئالدىنقى ھەپتىگە سېلىشتۇرغاندا 603 مىڭ كىشى ئازىيىپ 3 مىليون 839 مىڭغا يەتكەن.

ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ تەسىرى داۋاملىشىۋاتقان مەلۇماتلارغا مۇناسىۋەتلىك بازار تەخمىنى، 3 مىليون 500 مىڭ ئىدى.

بۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكادا ئىشسىزلىق مائاشى تەلەپ قىلغانلارنىڭ سانى ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بازارغا تەسىر كۆرسىتىشى سەۋەبىدىن يېقىنقى ئالتە ھەپتىدە جەمئىي 30 مىليون 307 مىڭغا يەتكەن بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر