ئوپېك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىش مەسىلىسىدە پۈتۈشتى

ئوپېك ۋە ئوپېك سىرتىدىكى خام نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى بەزى دۆلەتلەر كۈندىلىك خام  نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 1 – مايدىن 30 – ئىيۇنغىچە 10 مىليون ۋارىل ئازايتىش مەسىلىسىدە پۈتۈشتى.

1396773
ئوپېك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىش مەسىلىسىدە پۈتۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى مۇھەممەد باركىندۇ، ئوپېك ۋە ئوپېك سىرتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ 10 – نۆۋەتلىك  پەۋقۇلئاددە تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ماقۇللانغان قارارغا ئاساسەن، كۈندىلىك خام  نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 1 – مايدىن 30 – ئىيۇنغىچە 10 مىليون ۋارىل ئازايتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ئوپېك ۋە ئوپېك سىرتدىكى دۆلەتلەر كۈندىلىك خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازەيتىشقا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ چوڭ كېلىشىمى تاماملاندى. بۇ كېلىشىم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى مىڭلارچە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. رۇسىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننى تەبرىكلەيمەن.»

ئۇ، بۇ ھەقتە سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئاقساراينىڭ بىلدۈرۈشىچە، ترامپ تېلېفون سۆھبىتىدە، سەلمان بىلەن پۇتىننىڭ ھەم ئۆزئارا ھەم نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ھەمدە «يەر شارى خاراكتېرلىك ئېنېرگىيە ۋە پۇل مۇئامىلە بازارلىرىنىڭ مۇقىملىقىغا ئۇيغۇن سەۋىيەدە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسىدىكى سەزگۈرلۈكى تۈپەيلى پۇتىن بىلەن سەلمانغا رەھمەت ئېيتلقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر