رۇسىيە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىش قارارىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

دىمىترىي پېسكوۋ، پرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى – ئوپېك ۋە غەيرىي ئوپېك دۆلەتلىرىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىش قارارىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1395981
رۇسىيە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىش قارارىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى - كرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ، پرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى – ئوپېك ۋە غەيرىي ئوپېك دۆلەتلىرىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىش قارارىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دىمىترىي پېسكوۋ، ئوپېك ۋە بىر قىسىم غەيرىي ئوپېك دۆلەتلىرىنىڭ كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى جەمئىي 10 مىليون ۋارىلغا چۈشۈرۈش قارارى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى؛ ئۇ، پۇتىننىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ چۈشۈرۈلۈشىگە دائىر قارارى ھەققىدە توختىلىپ، «پۇتىن 22 دۆلەت بىردەكلىك ھاسىل قىلغان بۇ قارارغا ئىجابىي باھا بەردى» دېدى.

پېسكوۋ، موسكۋانىڭ مېكسىكا تەرەپنىڭ ئىجابىي پوزىتسىيەسىگىمۇ ياخشى باھا بەرگەنلىكىنى، مېكسىكانىڭ قوشۇلۇشىدىن كېيىن قارارنىڭ خەلقئارا بازارغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، مارتتا رۇسىيەنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش چەكلىمىسىنى رەت قىلىشىغا خاتالىق دەپ باھا بەرگەن ياكى بەرمىگەنلىكى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا ««ھەرگىزمۇ ئۇنداق بولمىدى. رۇسىيە نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر ئارىسىدا، بولۇپمۇ ھازىرقىدەك مىسلى كۆرۈلمىگەن ئالاھىدە شارائىتتا، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارا ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نىشان قىلىپ كەلگەن تۇراقلىق پوزىتسىيەگە ئىگە بىر دۆلەتتۇر» دەپ جاۋاب بەردى.


خەتكۈچ: #نېفىت , #رۇسىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر