ئوپېك ۋە ئوپېك سىرتىكى دۆلەتلەر نېفىت مىقدارىنى ئازايتىشنى قارار قىلدى

نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر-ئوپېك(OPEC) بىلەن ئوپېكنىڭ سىرتىدىكى بەزى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر، كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى جەمئىي 10 مىليون ۋارىل ئازايتىشنى قارار قىلدى.

1395245
ئوپېك ۋە ئوپېك سىرتىكى دۆلەتلەر نېفىت مىقدارىنى ئازايتىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوپېكنىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە  G20دۆلەت گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىكىدە ئېچىلغان «9-نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنى» غا، رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوپېكنىڭ سىرتىدىكى خام نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى قاتناشتى.

يىغىن تۈنۈگۈن (2020-يىلى 9-ئاپرېل) 17:45 مىنۇت ئۆتكەندە باشلاندى. بۈگۈن (10-ئاپرېل) 06:50 مىنۇت ئۆتكەندە يىغىن باياناتى ئېلان قىلىندى.

باياناتتا، (OPEC+) دەپ ئاتالغان گۇرۇھنىڭ كۈندىلىك خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 2020-يىلى 1-مايدىن 30-ئىيۇنغىچە بولغان ئىككى ئاي بويىچە 10 مىليون ۋارىل ئازايتىشنى قارار قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يەنە، 2020-يىلى 1-ئىيۇلدىن 31-دېكابىرغىچە ئالتە ئاي بويىچە كۈندىلىك 8 مىليون ۋارىل، 2021-يىلى 1-يانۋاردىن 2022-يىلى 30ئاپرېلغىچە 16 ئاي بويىچە كۈنلۈكى 6 مىليون ۋارىل بولۇش بەلگىلەندى.

ئوپېك ۋە ئوپېك سىرتىدىكى دۆلەتلەر 2020-يىلى 10-ئىيۇن يەنە بىر قېتىم توپلىنىپ، دۇنيا نېفىت بازىرى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. 2021-يىلى دېكابىر ئېچىلىدىغان يىغىندا، تۈنۈگۈنكى قارارنى ئۇزارتىش ياكى ئۇزارتماسلىق مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.


خەتكۈچ: #OPEC , #ئوپېك , #G20

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر