خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى: بۈيۈك بوھراندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ئىقتىسادىي چېكىنىشنى كۈتۈۋاتىمىز

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى رەئىسى كىرىستالىنا جورجىيېۋا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن «بۈيۈك بوھراندىن بۇيانقى ئەڭ ناچار ئىقتىسادىي تارىيىشنى كۈتۈۋاتىمىز» دېدى.

1395065
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى: بۈيۈك بوھراندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ئىقتىسادىي چېكىنىشنى كۈتۈۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جورجىيېۋا  2020 - يىللىق ئەتىيازلىق يىغىنلاردىن ئىلگىرى «كرىزىس بىلەن يۈزلىشىش: يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

ئۇ، كوۋىد - 19 ۋىرۇسىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرتىپنى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە بۇزغانلىقىنى كۆرسىتىپ ، كرىزىسنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە مۇددىتى توغرىسىدا زور ئېنىقسىزلىق بارلىقىنى تەكىتلەپ، «دۇنيا ئىقتىسادىي ئېشىشىنىڭ 2020- يىلى روشەن ھالەتتە پاسسىپ بولىدىغانلىقى ھازىردىنلا مەلۇم. بىز بۈيۈك بوھراندىن بۇيانقى ئەڭ ناچار ئىقتىسادىي تارىيىشنى كۈتۈۋاتىمىز» دېدى.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى رەئىسى، بۇ يىل 170 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمىنىڭ ئېشىشىنىڭ پاسسىپ بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ئاسىيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە كىرىمى تۆۋەن دۆلەتلەرنىڭ خەتەر ئىچىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

1929- يىلى باشلىنىپ 1930- يىللارغىچە داۋاملاشقان بۈيۈك بوھران گەرچە شىمالىي ئامېرىكا ۋە ياۋروپانى ئاساس قىلغان بولسىمۇ ، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ۋەيران قىلغۇچ تەسىرلەرنى پەيدا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر