ئوپېك ۋە ئوپېك سىرتىدىكى دۆلەتلەر نېفىت توغرىسىدا كۆرۈشىدۇ

ئەزەربەيجان ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى-ئوپېك (OPEC) بىلەن ئوپېكنىڭ سىرتىدىكى بەزى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى يىغىننىڭ 2020-يىلى 6-ئاپرېل تېلېۋىزىيە يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1390812
ئوپېك ۋە ئوپېك سىرتىدىكى دۆلەتلەر نېفىت توغرىسىدا كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى 6-ئاپرېل ئوپېك ۋە ئوپېكنىڭ سىرتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تېلېزىيە يىغىنى چاقىرىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئوپېك بىلەن ئوپېك سىرتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ نېفىت بازارلىرىنى مۇقىملىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن كۆرۈشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، يىغىنغا ئەزەربەيجاننىڭمۇ تەكلىپ قىلىنغانلىقى؛ كۆرۈشۈشلەردە «يېڭى ھەمكارلىق باياننامىسى» نىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، مەزكۇر يىغىننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپىگە بىنائەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئوپېك ۋە رۇسىيە باشچىلىقىدىكى بەزى ئوپېك سىرتىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر تۈنۈگۈن (2020-يىلى 2-ئاپرېل) ئوتتۇرىسىدا «ئادىل كېلىشىم» تۈزۈلۈشى ئۈچۈن جىددىي يىغىن ئۆتكۈزۈش چاقىرىق قىلىنغان ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر