رۇسىيە ساياھەتچىلىكى ئېغىر زىيان تارتىشى مۇمكىن

رۇسىيە ساياھەتچىلىك ساھەسىدە 37 مىليارد رۇبلى زىيان كۆرۈلۈشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1385052
رۇسىيە ساياھەتچىلىكى ئېغىر زىيان تارتىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ساياھەت ئاگېنتلىقلىرى بىرلەشمىسى (ATOR) نىڭ باشلىقى مايا لومىدزې (MayaLomidze) ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  نىڭ رۇسىيە ساياھەت ساھەسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن رۇسىيە ساياھەتچىلىكىدە زىيان كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئۈمىدۋار سېنارىيە بويىچە، چەت ئەل ساياھەتلىرى ئىيۇل ئېيىدا قايتا باشلىنىدۇ. ئۈمىد ئۈزۈلگەن سېنارىيە بويىچە، ساياھەتلەر سېنتەبىر ئېيىدىن بۇرۇن باشلانمايدۇ.ئەگەر بۇنداق بولسا، رۇسىيە ساياھەتچىلىكىدە جەمئىي 37 مىليارد رۇبلى (تەخمىنەن 475 مىليون دوللار) زىيان كۆرۈلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر