دۇنيا بازارلىرىدىكى داۋالغۇش داۋاملاشماقتا

دۇنيا بازارلىرىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن پەيدا بولغان داۋالغۇشلار ئىقتىسادىي تەدبىرلەرگە قارىماستىن داۋام قىلماقتا.

1381085
دۇنيا بازارلىرىدىكى داۋالغۇش داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: دۇنيا بازارلىرىدا ھەپتىلەردىن بۇيان ۋۇخەن ۋىرۇسى  ئەندىشەسى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان چۆچۈش ۋەزىيىتى، يولغا قويۇلغان تەدبىر ۋە ئىقتىسادىي قوللاشلارغا قارىماستىن داۋام قىلماقتا.

ئامېرىكا نىيۇ يورك ئاكسىيە بازىرى تۈنۈگۈن (2020-يىلى 18-مارت) ۋۇخەن ۋىرۇسى پەيدا قىلغان ئىقتىسادىي ئەندىشەلەر سەۋەبىدىن قاتتىق چۈشۈش بىلەن ئاخىرلاشتى. «Dow Jones endeksi» كۆرسەتكۈچى ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندە تۇنجى قېتىم 20000 نومۇرنىڭ ئاستىغا چۈشتى ۋە بىر كۈن ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا %6.3 تۆۋەنلەپ 19898 نومۇر بىلەن ئاخىرلاشتى.

S&P كۆرسەتكۈچى %5.2، ناسداق (Nasdaq) كۆرسەتكۈچى %4.7 تۆۋەنلىدى.

غەربىي تېكساس تۈرىدىكى (WTI) خام نېفىتنىڭ باھاسى 20 دوللارنىڭ ئاستىغا چۈشۈشنى سىناپ باقتى ۋە %18 لىك تۆۋەنلەش بىلەن 22 دوللاردىن تاماملىدى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر