سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە ئىشلىرى ۋەزىرى ئابدۇلئەزىز بىن سەلمان دۆلىتىنىڭ بىرقانچە ئاي ئىچىدە نېفىت ئېكسپورتىنى كۈنلۈك 10 ۋارىلدىن ئاشۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1380266
سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «<ئەلئەرەبىييە> تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەزىر بىن سەلمان بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۆلىتىنىڭ بىرقانچە ئاي ئىچىدە نېفىت ئېكسپورتىنى كۈنلۈك 10 ۋارىلدىن ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېفىت ئېكسپورت مىقدارى 2018 – يىلى دېكابىردا كۈنلۈك 7.69 مىليون ۋارىل بولۇپ، 2019 – يىلى دېكابىردا كۈنلۈك 7.373 مىليون ۋارىلغا يەتكەنىدى.

« Saudi Aramco » نېفىت شىركىتى ئۆتكەن ھەپتە 1 – ئاپرېلدىن ئېتىبارەن خېرىدارلىرىنى كۈنلۈك 12.3 مىليون ۋارىل خام نېفىت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) بىلەن رۇسىيە باشچىلىقىدىكى OPEC سىرتىدىكى بەزى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ 6 – مارتتا  ئاۋسترىيەنىڭ پايتەىتى ۋىيانادا چاقىرىلغان يىغىندا، نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش توغرۇلۇق قارار چىقىرىلالماسلىقى، نېفىت باھاسىنىڭ يېقىنقى 4 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.

ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك نېفىت بازارلىرىدىكى ئۈلۈشلىرىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاپرېلدىن ئېتىبارەن نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىشى بولسا، ئارتۇق تەمىنلەشنىڭ ئاشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ ئەھۋال نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە سەۋەب بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر