خەلقئارا كرېدىتنى دەرىجىلەندۈرۈش ئورگىنى ۋۇخەن ۋىرۇسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى
خەلقئارا كرېدىتنى دەرىجىلەندۈرۈش ئورگىنى «Fitch Ratings»، يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) يۇقۇملۇق ئاپىتىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مالىيە ئەھۋالىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا كرېدىتنى دەرىجىلەندۈرۈش ئورگىنى «Fitch Ratings» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) يۇقۇملۇق ئاپىتى ۋە بۇنىڭغا چېتىشلىق يولغا قويۇلغان سىياسەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەسىرىنىڭ بۇ يىلقى ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن تېخىمۇ كۆپ كرېدىتنى دەرىجىلەندۈرۈش ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇملۇق ئاپىتىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مالىيە ئەھۋالىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، ئاپەت تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەر يولىقىدىغان ئاساسلىق ئىقتىسادىي نەتىجىنىڭ ئىقتىسادي پائالىيەتلەرنىڭ تۇيۇقسىز توختاپ كېتىشى بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
باياناتتا، ئەنئەنىۋى ماكرو ئىقتىساد سىياسىتىنىڭ، ئائىلە ۋە كارخانا كىرىمىگە ياخشىلاش تەسىرى كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكى ۋە چوڭ ئىقتىسادىي چېكىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىشى مۇمكىنلىكى تەكىتلەندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.