خىتاي-ياۋروپا ئايروپىلان سەپەرلىرى تۆۋەنلىدى

ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن خىتاي-ياۋروپا ئاۋىياتسىيە قاتنىشى فېۋرال (2020) ئېيىدا 2019-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %61 ئازايدى.

1380713
خىتاي-ياۋروپا ئايروپىلان سەپەرلىرى تۆۋەنلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا تەرەپتىكى ئايروپىلان سەپەرلىرى بۇ مەزگىلدە يىل بويىچە ھېسابلىغاندا %2.6 تۆۋەنلىدى.

بۇ يىل (2020) فېۋرال ئېيىدا خىتاي بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى ئايروپىلان سەپىرى %61 ئازايغان بولسا، كۈن بويىچە ھېسابلىغاندا 98 ئايروپىلان سەپىرى ئازايغان. خوڭكوڭ بىلەن بولغان ئايروپىلان سەپەرلىرى %19.9، ئىران بىلەن بولغان ئايروپىلان سەپەرلىرى %16.4 ئازايغان.

خىتاي بىلەن بولغان ئايروپىلان سەپەرلىرىنى دۆلەتلەر بويىچە ھېسابلىغاندا، %19لىك تۆۋەنلەش بىلەن گېرمانىيەدە كۆرۈلگەن. ئاندىن قالسا، %15 لىك تۆۋەنلەش بىلەن ئەنگلىيەدە كۆرۈلگەن. فىرانسىيەدە %14، ئىتالىيەدە %11 تۆۋەنلىگەن.

ئۆزئارا ئايروپىلان سەپەرلىرى فېۋرال ئېيىدا ئامېرىكادا %0.6، رۇسىيەدە %1.5، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە %1، مىسىردا %14، قاتاردا %5.6 كۆپەيگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر